تۇرپان تەزكىرىسى
«ئويغانغان زېمىن»، «ئانا يۇرت» رومانلىرىدا تىلغا ئېلىنغان، ۋەتەنپەرۋەر، دانا، قەيسەر ھەم مىللى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ يولباشچىسى خوجىنىياز ھاجىمنىڭ يېقىن سەبدىشى نەمەت خەلپەت مىلادى 1888– يىلى 5– ئاينىڭ 20– كۈنى تۇرپان لۈكچۈندە بىر دېھقان ئائىلىسىدە دۇنيا كەلگەن.
نەمەت خەلپەتنىڭ دادىسى توغرا سۆزلۈك، خۇش چاقچاق قوشاقچى ئادەم بولغاچقا نەمەت خەلپەتمۇ دادىسىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىغان. ئۇ يەتتە ياشقا كىرگەندە، مەدرىسىدە دىنى تەلىم – تەربىيە ئېلىشقا باشلىغان، نەمەت خەلپەت چىچەن، ئەقىللىق بالا بولغاچقا، تېزلا كۆزگە كۈرۈنۈشكە باشلىغان، ھەم پۇقرالارنىڭ چىكىۋاتقان زۇلۇمى سوپى – ئىشانلارنىڭ نادان خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ خاتا يولغا باشلاۋاتقانلىقىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. ئۇ يىگىرمە ياشقا كىرگەندە لۈكچۈن خانلىق مەدرىسىدە ئوقۇيدۇ، ھەم ئۇزۇن ئۆتمەيلا «خەلپەتلىك» ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ. ئۇ خەلپەت بولغاندىن كېيىن تېزلا خەلقنىڭ ئالقىشىغا، ئىلغار پىكىرلىك زاتلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ئىلغار پىكىرلىك زاتلاردىن مەخسۇت مۇھىتى، موسۇل مۇھىتى، مىجىت ھاجىم قاتارلىقلار بىلەن تونۇشىدۇ، ھەم ئۇلار بىلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ، ئۇ شئېر – قوشاق توقۇشقا ماھىر ئادەم بولۇپ كۆپلىگەن شئېرلارنى يېزىپ ۋاڭ – بەگلەرنىڭ خەلق ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان دەھشەتلىك ئېكىسپالاتاتسىيىسىنى پاش قىلىدۇ، ئاۋام پۇقرانى ئويغىنىشقا يېتەكلەيدۇ.
نەمەت خەلپەتنىڭ بۇ ئىشلىرى زالىملارغا ياقمايدۇ، چەتكە قېقىشىغا ئۇچرايدۇ. نەمەت خەلپەت ئۆز يۇرتىنى تاشلاپ باشقا يۇرتلارغا سەرگەندان بولۇپ چىقىپ كېتىدۇ. كېيىن ئۆز يۇرتى لۈكچۈنگە قايتىپ كېلىپ ئوردا مەسلىھەتچىسى بولىدۇ، ئۇ شۇ جەرياندا زالىم كۈچلەر بىلەن تىغمۇ – تىغ كۈرەش قىلىدۇ، ھەم ئاتاقلىق شائېر ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر بىلەن تونۇشىدۇ. ئۇ ئىككەيلەن يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالىدۇ، ئۇلار بىرلىكتە خەلق ئارىسىغا چۆكۈپ خەلقنىڭ خار – زار ئەھۋالدا ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. ھەم مۇستەبت ھاكىميەتنى يوقاتمىغۇچە خەلقنىڭ زۇلۇمدىن قۇتۇلمايدىغانلىقىنى تونۇپ يېتىدۇ. 1931– يىلى باشلانغان قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىدىن ئىلھام ئالغان تۇرپاندىكى ئىلغار ئىدىيىلىك زاتلاردىن مەخسۇت مۇھىتى، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، نەمەت خەلپەتلەر تۇرپاندىمۇ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە تەييارلىق قىلىدۇ، 1932– يىلى تۇرپان ئاستانىدە قوزغىلاڭ غەلبە قىلىدۇ. ھەم پىچانغا ھۇجۇم باشلايدۇ، پىچاندىكى دۈشمەن كۈچلەر بىلەن قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىدىن مەخمۇت مۇھىتى، نەمەت خەلپەتلەر قارا شەھەرگە چىكىنىدۇ، 1933– يىلى خوجىنىياز ھاجى پىچانغا قىلغان ھۇجۇمدا مەغلۇپ بولۇپ چېكىنگەندە مەخسۇت مۇھىتى شىھېت بولىدۇ. لۈكچۈندىكى مەغلۇبىيەتتىن كېيىن 1933– يىلى 3– ئاينىڭ 17– كۈنى ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، تۆمۈر جىسا قاتارلىق 17 مەرت ئۇيغۇر ئوغلانلىرى شىھېت بولىدۇ. شۇنداق قانلىق كۈرەشلەر جەريانىدا نەمەت خەلپەت خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى مىللى قوشۇنلارنىڭ باشلامچىسى بولۇپ قالىدۇ. دانا بىلىملىك بولغانلىقى ئۈچۈن مۇھىم ئىشلاردا يول كۆرسىتىپ مىللى قوشۇننىڭ مەسلىھەتچىسى بولىدۇ. 1933– يىلى 6– ئاينىڭ 4– كۈنى قوزغىلاڭچىلار بىلەن شىڭ شىسەي جىمسار پۈتۇمى ئىمزالايدۇ. كېيىن مىللى قوشۇن 6– دېۋىزىيىگە ئۆزگەرتىلىدۇ. مەخمۇت مۇھىتى سىجاڭ، نەمەت خەلپەت سەنمۇجاڭلىققا تەيىنلىنىدۇ. 1934– يىلى ئۈرۈمچىگە يۆتكىلىدۇ. 1937– يىلى 10– ئاينىڭ 12– كۈنى خوجىنىياز ھاجى بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنىدۇ. ئۇ تۈرمىدە قاتتىق قىيىن – قىستاقلارغا ئېلىنىدۇ. لېكىن دۈشمەن ئالدىدا قەتئى تىز پۇكمەيدۇ. تۈرمىدە يېتىش جەريانىدا مىللى ئىنقىلابىمىزنىڭ يەنە بىر يولباشچىسى ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن تونۇشىدۇ، شىڭ شىسەي تەخىتتىن چۈشكەندىن كېيىن نەمەت خەلپەت قويۇپ بېرىلىدۇ. كېيىن ئۆز يۇرتى تۇرپانغا قايتىپ كېلىدۇ. تۇرپاندا «تۇرپان شىركىتى»نىڭ دېرىكتورى بولىدۇ. 1947– يىلى ئەخمەتجان قاسىمى تۇرپانغا كېلىدۇ، ئابدۇراخمان مۇھىتى، نەمەت خەلپەتلەر تۇرپاننى ئېكىسكۇرسىيە قىلىدۇ. 11 بىتىم بۇزۇلغاندىن كېيىن غۇلجىغا چىقىپ كېتىدۇ. شۇ يەردە مىللى ئازادلىق ھەرىكىتىمىزنى داۋاملاشتۇرىدۇ. 1948– يىلى قۇرۇلغان «شىجاڭدا تىنچلىق ۋە خەلقچىلىقنى ھىمايە قىلش ئىتىتىپاقى»نىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ. 1950– يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ھەيئەت ئەزاسى 1955– يىلى قۇرۇلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش»نىڭ ھەيئەت ئەزاسى بولىدۇ. ھەمدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تۇرپان ناھىيىلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولىدۇ. 1957– يىلى ئۇ خىزمەتتىن توختىتىلىپ «جىنايى ئۇنسۇر» دېگەن قالپاق كەيدۇرىلىدۇ. 1962– يىلى 6– ئاينىڭ 8– كۈنى نەمەت خەلپەت قان قىتىش كېسىلى، يۈرەك سانجىقى بىلەن بۇ بىۋاپا ئالەمدىن خوشلىشىدۇ.
نەمەت خەلپەت 78 يىللىق ھاياتىدا ئەل – ئاۋامىنى، خەلق ئازادلىقىنى ئويلاپ ئازادلىق يولباشچىلىرىغا ھەمدەم بولۇپ بىرلىكتە كۆرەش قىلىدۇ. ھەم يالقۇنلۇق شئېرلارنى يازىدۇ تۆۋەندە نەمەت خەلپەتنىڭ بىر قىسىم شئېرلىرىنى سۇندۇم.
يارەب
تولا غاپىل ئىكەنمىز ھەي، بۇنى بىلمەپتىمىز يارەب،
قوتانغا بۆرىنى كەل دەپ، خاتا چىللاپتىمىز يارەب.
مۇسۇلمان دېسە بۇ شەيتان، كالامىنى بىلىپ ھەق راست،
دۇئا –  تەكبىرلەر بىلەن باشتا ئۇنى يادلاپتىمىز يارەب.
«ئىشەنگەن تاغدا ياتمايدۇ كىيىك» دەپ بىر ماقال تۇرسا،
ئاتالار سۆزىگە چىن دىل ئەمەل قىلماپىتىمىز يارەب.
تىلى شېكەر، دىلى زەھەر ئىكەن ھەي بىز چۈشەنمەستىن،
ئەجەپ ئاسان قېرىنداش دەپ ئۈمىد باغلاپتىمىز يارەب.
ئۇ مەككار قەدەمدە ھېساپلاپ قۇم ساناپ يۈرسە،
گۆدەكتەك گول بولۇپ بىز ھەي، تاش ساناپتىمىز يارەب.
بۈگۈن ئۇقساق تېخى بىزنى جەھەننەم سارايىغا باشلار ئىمىش،
ئىچىپ كەڭرى قويۇننى بىز يىلان ئاسراپتىمىز يارەب.
ئۇنىڭ باتىل خىيالىچە بويارمىش قانغا دۇنيانى،
بۇنىڭدەك زور گۇناھ بولماس، خاتا چاغلاپتىمىز يارەب.
«ئاتاڭغا بەرمىگىل بىلگەن يولۇڭنى»دەر ئىدى دانا،
نادامەت ئوتىدا ئەپسۇس جىگەر داغلاپتىمىز يارەب.
گاھى تۇلپارمۇ ئۆز يولىدا مۇدۇرۈپ كېتىدۇ دەيدۇ،
سىراتىل مۇستەقىم بەرگەن خاتا ئويلاپتىمىز يارەب،
كەمى نەمەت يېزىپ ئەشئار سۇخەندازلىق قىلىپ قۇيدى،
كەچۇرگەي مېنى دوست – يارلار، بۇرۇن بىلمەپتىمىز يارەب.
نە قىلاي
ئاھۇ يار، رەببەھە ئاھ، ئاھۇ پىغاننى نە قىلاي،
يەتمىگەن مەقسەتكە بۇ پانى جاھاننى نەقىلاي.
ھەر كىشىنىڭ قەلبىدە بىر سۆيۈملۈك يارى بار،
سۆيگىنىمنى تاپمىسام قىز – جۇۋاننى نەقىلاي.
ۋادەرخ، جەننەت كەبى شىنجاڭنى ناگاھ باستى قۇم،
قۇملىرىدىن پاكلىماي سولغان بوستاننى نەقىلاي.
بىر كۈچلۈك بوران چىقىپ بۇ قۇملارنى كۆچۈرسە،
قۇملىرى كۆچمەيدىغان تەكلىماكاننى نەقىلاي.
كەتتى شوراپ، دانىمىزنى كەتتى يەپ،
دانى يوق ئەمدى بۇ پاخال – ساماننى نەقىلاي.
ئەمدى قالدى بىزدە تاتلىق جان بىلەن غەم – قايغۇلۇق،
قىينىلىپ كۆپ چىقمىغان بىچارە جاننى نەقىلاي.
ھاۋادا كۈن بولمىسا يۇلتۇز بىلەن يول ئىزدىگىلى،
سەئى قىلماق نا ئۈمىد  بولسا ئىنساننى نەقىلاي.
پەرىشان بولما
ئىزدىسەڭ سەن ئازادلىق بولما پەرىشان ئەي كەمى،
ھەر يارالغان پىل ئەمەس دۇنيادا ئىنسان ئەي كەمى.
سەن ھامان قىلساڭ ئىختىيار كەڭلىك زاماننى دائىما،
لېكىن كەلمەس سەۋەبسىز ئىلكىڭگە ئاسان ئەي كەمى.
كەچمىگۈچە جانىدىن جانانغا يەتمەس ھىچ كىشى،
قەھرىمان ھەم پالۋان جانانغا قۇربان ئەي كەمى.
قالمىغۇچە تامچە قان قالما كۆرەش مەيدانىڭدىن،
ئىجتىھات قىل توختىماي بەخت – پاراۋان ئەي كەمى.
ئۈچ ۋىلايەت خەلقى تاپمىش مۇستەبىتلەردىن نىجات،
زۇلۇمدىن يەتتە ۋىلايەت  زارى ھەيران ئەي كەمى.
قايغۇرۇپ كۆپ يىغلىما خەلقنى ياد ئەيلەپ تولا،
چۈن ئۇلارنىڭ دائىما ئىمكانى كۈرەش ئەي كەمى.
تاپسا يەتتە ۋىلايەت خەلقى  قۇللۇقتىن نىجات،
ھېچ ئەجەپ ئەمەس پاناھىم بەرسە پەرمان ئەي كەمى.
ئول جەنۇب ساھىلدىكى دىلخەستىلەرنىڭ دەردىگە،
ئىزدىگىل تىنماي ھەمىشە دورا – دارمان  ئەي كەمى.
بۇ ماكان قويدۇڭ قەدەم شۇندىن بۇيان تاپتىڭ ئامان،
ئول جەنۇبتا سەن ئىدىڭ  مەھبۇس زىندان ئەي كەمى.
مەيدان ئارا مەردلىكىڭنى كۆرسەت ئەمدى خەلق ئۈچۈن،
ئايلىنىپ كەتسۇن يېنىڭدە مىڭ جان بولسا ئەي كەمى.
بولسا ئازاد ھەربىر كىشى، يۇرسە خۇشال بۇندىن بۇيان،
ھىچ كىشنىڭ كۆڭلىدە قالمىغاي ئارمان كەبى.
نېمئەتۇللا دەر ئېتىم، مەشھۇل لەقەم ئېتىم كەمى،
تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يىرىدۇر ئۇشبۇ تۇرپان ئەي كەمى.
مەنبە: ياقۇپ ئىسمائىل يازغان «نەمەت خەلپەت» دېگەن روماندىن ئېلىندى.
نورۇزنى بايرام قىلىش (3– ئاينىڭ 20—22– كۈنلىرىنى) قەدىمكى زامانلاردىلا شەكىللىنىشكە باشلىغان شەرق خەلقلىرىنىڭ بىر خىل ئەنئەنىسىدۇر. نورۇزنىڭ خاسىيىتى ھەققىدە تۈرلۈك رىۋايەتلەر بار.
يازما تارىخىي مىراسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نورۇزنى بايرام قىلىش ئادەتلىرى قەدىمكى ئىرانلىقلاردا، ئەھمەنىلەر دەۋرىدىن (مىلادىدىن ئىلگىرى 588—330– يىللار) باشلاپ ئادەتكە ئايلانغان.
نورۇز ھەققىدە ئەڭ ئىشەنچلىك مەلۇمات ۋە ئىلمىي يەكەنلەر شەرق ئۆلىمالىرىدىن — ئەبۇرەيھان بېرۇنىي (1048—973)نىڭ «قەدىمكى خەلقلەردىن قالغان يادىكارلىقلار»، «قانۇنىي مەسئۇدىي» ۋە «ئەتتەفھىم» ناملىق ئەسەرلىرىدە، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆمەر ھەييامنىڭ (1131—1054) نەۋرۇز مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ئىران ئۆلىمالىرى نورۇز كۈنىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبىنى جەمشىدكە باغلايدۇ. مۇھىمى جەمشىد پادىشاھلىق كۈنلىرىدە مەجۇسىيلەر دىنىنى يېڭىلىغان ۋە بۇ يېڭىلىق بولغان كۈنىنى «نەۋرۇز» — «يېڭى كۈن» دەپ ئاتىغان، دەيدۇ. بېرۇنىي ئۆز ئەسىرىدە مۇنداق بىر رىۋايەتنى بايان قىلىدۇ:
«جەمشىد ئۆزىگە بىر ھارۋا ياسىغان ۋە ھارۋىغا ئولتۇرۇپ ئاسماندا ئۇچقان، شۇنى كۈنى دۇنباۋەند تېغىدىن ئۆتۈپ بابىلغا بېرىپ چۈشكەن.» ئۇنى دىۋە – پەرىلەر ئۇچۇرغانمىش. كىشىلەر بۇ ئاجايىپ ۋەقەنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشقان. شۇنىڭ بىلەن شۇ كۈننى ھېيت دەپ سانىغان، كىشىلەر جەمشىدنىڭ ھارۋىسىدىن ئىلھاملىنىپ ئىلەڭگۈچلەر بىلەن ئۇچۇشقان. بۇ رىۋايەت ئۇبۇلقاسىم فىردەۋسنىڭ (934—1025) «شاھنامە» داستانىدىمۇ قەيت قىلىنغان.
ئۆمەر ھەيياممۇ «نەۋزۇرنامە» دېگەن ئەسىرىدە نورۇزنىڭ خاتىرىلىنىشىدىكى رىۋايەتلەرنى پادىشاھ جەمشىد زامانىغا باغلاپ، شاھ كيومارسنىڭ ھەمەل ئېيىنىڭ بىرىنچى كۈنىنى يىل بېشى ھېسابلاش ھەققىدىكى پەرمانىنى ئەسلىتىدۇ.
ئومۇملاشتۇرغاندا، رىۋايەتلەردىن ئىككى تۈرلۈك خۇلاسە كېلىپ چىقىدۇ: 1) نورۇزغا ئائىت رىۋايەتلەرنىڭ كۆپى پادىشاھ جەمشىد بىلەن باغلانغان. 2) بۇ رىۋايەتلەردە نورۇز كۈنىنى بەلگىلەشلەردە ئاسترونومىيىلىك پرىنسىپلارغا ئاساسلانغان.
نورۇز بايرىمى قانچە كۈن بولۇپ كەلگەن؟ بۇ ھەقتە بېرۇنىي يۇقىرىدا قەيت قىلىنغان ئەسەرلىرىدە، ئىرانلىقلارنىڭ 1– ئايى — «پەرۋەردىن»نىڭ بىرىنچى كۈنى ھورمۇز ئاتالغانلىقىنى ھەم ئۇ پادىشاھ نورۇزى، يەنى يېڭى يىل ئىكەنلىكىنى، ھەمدە شۇ ئاينىڭ 6– كۈنى كاتتا بايرام بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
نورۇزنىڭ ئۇنداق ياكى مۇنداق ناملار بىلەن ئاتىلىشىنى بايان قىلساق، ئۇنىڭمۇ ئۆزىگە خاس سەۋەبلىرى بولغان. مەسىلەن، جەمشىد زامانىدا — جەمشىد نەۋرۇزى (پادىشاھ نورۇزى، دەپمۇ ئاتىلىدۇ)، نوشورۋان (ھۆكۈمرانلىق يىللىرى 531—579) بوۋىسى فىرۇز دەۋرىدە — فىرۇز نورۇزى، دەپ ئاتالغان. سۇلتان جالالىدىن مەلىك شاھ سەلجۇقى (ھۆكۈمرانلىق يىللىرى 1029—1071) ۋاقتىدا بولسا، «نەۋرۇزى سۇلتانى» دەپ ئاتالغان. نورۇزنىڭ زادى قانچە كۈن بايرام قىلىنىشىنى ئالىملار مۇنداق كۆرسەتكەن: قەدىمكى زامانلاردىلا نورۇز تەنتەنىسى بىر ھەپتە داۋاملاشقان. 1— كۈنى، پادىشاھ ئۆزى نورۇزنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە پۇقرالىرىنى قوبۇل قىلىشىنى ھەمدە ئۇلارغا شاپائەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 2— كۈنى، مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشىلەر، ساراي خادىملىرىنى قوبۇل قىلغان. 3— كۈنى، ئاتلىق سىپاھلار ۋە دانىشمەنلەرنى قوبۇل قىلغان. 4— كۈنى بولسا، ئۆز جەمەتلىرى ھەم يېقىنلىرىنى ئالاھىدە ئادەملەرنى قوبۇل قىلغان. 5— كۈنى، پەرزەنتلىرىنى، ئۆز تەۋەسىدىكى كىشىلەرنى قوبۇل قىلغان.
نورۇزنى تەنتەنىلىك بايرام قىلىش تۈركىي تىل ئائىلىسىدىكى خەلقلەر بىلەنلا چەكلەنگەن ئەمەس. بۇددا ۋە كاتولىك دىنىدىكىلەرمۇ نورۇزنى خاتىرىلەپ كەلگەن. تۈركىي تىللىق خەلقلەر ئىسلامغا كىرگەندىن كېيىن مۇھەممەد پەيغەمبەر نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەككەن ۋە بۇنى (بۇ قانداق ھادىسە) دەپ سورىغان. بۇ نورۇز، دەپ جاۋاب قىلىنغان. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: نورۇز نېمە؟ دەپ سورىغان جاۋابتا: «ئىرانلىقلارنىڭ ئۇلۇغ ھېيتى ...» ئىكەنلىكىنى ئۇققاندىن كېيىن مۇھەممەد پەيغەمبەر: «كاشكى، بىزدىمۇ ھەر كۈنى نورۇز بولسا ئىكەن ...» دەپ ئېيتقان. دېمەك، ئەرەبىستاندا ئىلگىرى نورۇزنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشمىگەن. ئۆلىمالارنىڭ يېزىشلىرىچە، نورۇز ئەنئەنىسىنى ئىسلام ئەقىدىلىرىگە زىت قويماسلىق سىياسىتى ئىسلامنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلىرىدىلا بولغانىكەن. شۇنىڭ بىلەن نورۇز بارغانچە ئومۇملىشىپ بارغان،  خەلقلەر ئارىسىدا كەڭ تارقالغان. نورۇزدىكى كۆپ ئۇدۇملار ئىنسان تۇرمۇشىدىكى كۈندىلىك ئېھتىياجلار بىلەن زىچ باغلىق بولغانلىقى ئۇچۈنمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئىسلام ئەقىدىسىگە زىيانلىق بولماسلىقى تۈپەيلىدىن ھەم نورۇز ئەنئەنىسى يوقالمىغان. ۋاقىتنىڭ ئۇزۇرۇشى بىلەن ئەتىيازلىق دېھقانچىلىق تەييارلىقى، تەبىئەتنىڭ نورمال بولماسلىقى تۈپەيلىدىن يامغۇر تىلەش قاتارلىق شەكىللەرگە ئىسلام ئەقىدىسى سىڭىپ بارغان. ئومۇمەن، نورۇز — يېڭى كۈن بىلەن تەنتەنە قىلىش، تەبىئەتنى ئۇلۇغلاش ئادەتلىرى كۆپلىگەن مەملىكەت خەلقلىرىدە ياۋروپادا، سلاۋيانلار، رۇسىيىنىڭ ئۇزاق دالالىرىدىن باشلاپ، ۋولگا بويلىرىدىكى بىر مۇنچە خەلقلەر، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۆزبېك، تاتار، تۈركمەن، ئەزەربەيجانلىقلار، يەتتىسۇ ئەتراپىدىكى قازاقلار، قىرغىز، تاجىكلار، ئۇزاق شەرقتە ياپونلارغىچە باھاردا بايرام قىلىش بىر خىل ئەنئەنىگە ئايلانغان. يۇقىرىدىكى خەلقلەرنىڭ تەنتەنىسىدە تۈرلۈك كۈلكىلىك ئويۇنلار، پائالىيەتلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇز تەنتەنىسىدىكى پائالىيەتلەرگە ئوخشاپ كېتىدۇ.
ئېلىمىزنىڭ تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى تارىخشۇناسى خۇي لىن «مۇزىكا تەزكىرىسى» ناملىق ئەسىرىدە، 11— ئەسىردە مەھمۇد قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»، يۈسۈپ خاس ھاجىپ «قۇتادغۇ بىلىك»ناملىق ئەسىرىدە ھەم ناۋايى، لۇتفى ... قاتارلىقلارمۇ نورۇز توغرىسىدا كۆپلەپ لىرىك ھەم ئېپىك شېئىرلارنى يازغان.
ئۆز دىۋانىدا ئاسترونومىيە، 12 مۆچەل ۋە ئۇلارنىڭ ناملىرى، كېلىپ چىقىشى، باھار مەۋسۇمى توغرىسىدا توختاپ نورۇز دېگەن بۇ سۆزنى ئالاھىدە تىلغان ئالغان مەھمۇد قەشقىرى بىلەن بىر دەۋردە ياشىغان مۇتەپەككۇر شائىرىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۆزىنىڭ «قۇتادغۇ بىلىك» داستانىدا: «پارلاق باھار پەسلى ۋە ئۇلۇغ خان مەدھىيىسى» ماۋزۇلۇق قەسىدە يازغان.
خۇي لىن «مۇزىكا تەزكىرىسى» ناملىق كىتابىدا، غەربىي يۇرتنىڭ نورۇز تەنتەنىسىنى تونۇشتۇرۇپ «ئارغىماق ئويۇنى»، «يولۋاس ئويۇنى»، «قىش بوۋاي ئويۇنى» قاتارلىق گىرىملىك ئويۇنلار ئوينىلىدىغانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بار. چاڭئەن شەھىرىدە «نورۇز» ناملىق مەيخانىلارمۇ بولغان. ئۈزۈم سېۋىتىنى تۇتۇپ، يىراقتىكى يۇرتنى سېغىنغانلىقىنى ئىپادىلەيدىغان ئويۇن نومۇرلىرى ئوينالغان. ئەلشىر ناۋايىمۇ ئۆزىنىڭ «چاھار دىۋان» ناملىق ئەسىرىدە مۇقام ئىسىملىكلىرى قاتارىدا «نورۇز مۇقامى»نى ئالاھىدە تىلغا ئالغان. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ «سەددى ئىسكەندەر» ناملىق داستانىدا ئاجايىپ بىر خىل گۈزەللىكنى تەسۋىرلەش ئارقىلىق ئىسكەندەرنىڭ تويىنىڭ نورۇز كۈنلىرى بولغانلىقىنى يازغان.
ھايات ۋە سەنئەتتە نورۇز بىلەن باغلىق بولغان ئەنئەنىلەر ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلگەنلىكىنى كۆرىمىز. مۇنداق سەنئەت گۈزەللىكى كۆڭۈلگە زور بەرمەكتە. ئەلشىر ناۋايى يەنە بىر غەزىلىدە نورۇزدا كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تەڭلەشكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىپ، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە تايىنىپ گۈزەل بىر خىل ئوخشىتىش بىلەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلغان. شىنجاڭ ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ئىچىدە يىل بېشىدا تۇغۇلغان بالىلارنىڭ ئىسىملىرىنى قەدىمدىنلا نورۇز، نورۇزگۈل دېگەندەك ئىسىملارنى قويۇش ئادىتى بولۇپ كەلگەن.
كلاسسىك شېئىرىيەتتە لۇتفىنىڭ «گۈل ۋە نورۇز» داستانىدىمۇ فەرروھ شاھنىڭ ئوغلى شۇ كۈنى تۇغۇلغانلىقى ئۈچۈن ئىسمى نورۇز قويۇلغانلىقى سۆزلەنگەن.
يېڭى يىلنىڭ باشىندا – روزى نەۋروز،
سەدەبدەن چىقتى بىر دۇررى شەباق روز.
سىۋىنگەندە ئاتاسى گەنجىن ئاچتى،
ئۇلۇغ تويلار قىلىپ، ئىشرەتلەر ئەتتى.
ياراتقان بىرلە كۆپ نىيەتلەر ئەتتى،
... چۈن نەۋروز بولدى، نەۋروز ئىچرە فىروز.
ئاتىدى ئوغلىنىڭ ئاتىنى نەۋروز ... دەيدۇ.
بۇ ئەنئەنىنىڭ ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز. يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن شېئىرىي پارچىلار ئىچىدە شۇنداق بىر جەزىبىلىك مىسرالارمۇ باركى، بۇنى ئالاھىدە ئۇرغۇ بىلەن كۆرسىتىپ ئۆتۈش لازىم:
ئۇلۇستا مۇستەھىقلەرنى قىلىپ شاد.
ھەمۇل دەم بەندىلەرنى قىلدى ئازاد.
(«گۈل ۋە نورۇز»دىن) يەنى، شاھ ئەل ئىچىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر كىشىلەرنى تەقدىرلەپ، بەندىلەرنىڭ — مەھبۇسلارنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. شاھنىڭ بۇ خىل ئىلتىپاتى پەقەت ئوغۇل كۆرۈپ خۇشاللانغانلىقىدىن ئەمەس، بەلكى قەدىمكى زامانلاردىلا شەرقتە، نورۇز كۈنى مەھبۇسلارنى ئازاد قىلىش ئەنئەنىسى بولغانلىقىدىندۇر.
نورۇزدىكى بۇ ھالەتنى فوزۇلىمۇ چىرايلىق ئىبارە، ئوخشىتىشلار بىلەن بېرىدۇ.
ۋەسىلىدۇر فەسلى باھار ئولماق بارابەر روزۇ شەب،
بۇ مىسرالاردا ۋىسال چاغلىرىنىڭ باھار مەۋسۈمىگە ئوخشىغانلىقى ئاجايىپ نازۇكلۇق بىلەن ئىپادىلەنگەن.
نورۇز تەنتەنىسى دائىم دېھقانچىلىق، ھۈنەر – سەنئەت ۋە ھەر قايسى كەسىپ ئىگىلىرىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى بولۇپ كەلگەن. خەلق ئاممىسىنىڭ سەيلە – ساياھەتلىرىدە ھۈنەرۋەنلەر ئۆزلىرى ياسىغان ئاجايىپ ئەسۋابلىرىنى، ئاشپەزلەر ئۆزلىرى پىشۇرغان شېرىن تائاملىرىنى، پالۋان ھەم چەۋەندازلار كۈچ – قۇۋۋەت ۋە ماھارەتلىرىنى نامايان قىلغان. قىز – چوكانلار نورۇزغا ئاتاپ مەخسۇس كىيىملەر، كەشتە ۋە ياغلىقلىرىنى، ھەر خىل دوپپىلارنى تىكىشكەن. ئۇلارنى گۈل نەقىشلىرى بىلەن بېزەپ نورۇز دېگەن خەت شەكلىنى كۆرسەتكەن. بۇ ھاللار چېۋەر ھەم بەرنا قىز – چوكانلارنىڭ ھۆسنىگە – ھۆسن ئاتا قىلغان. سەيلىلەردە قىزىقچى ھەم دارۋازلار، سۆز ئۇستىلىرى، چاقچاقچى، ھەزىلكەشلەر ئاممىنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلغان.
شائىرلار مۇشائىرىلەردە ئاجايىپ ياخشى شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىشقان، تەبىئەت باغرىدا يارۇ – دوستلار، قېرىنداشلار ھەمكەسىپلەر بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن سەيلە تاماشىلار ئەخلاقىي، ئېستېتىك قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ ئىدىيىۋى ئېكولوگىك تەربىيىگە — تەبىئەتنى سۆيۈش ۋە ئاسراش رولىغا ئىگە دېيىش مۇمكىن.
ھاپىز شىرازىنىڭ:
كانار ئابۇ پايى بىدۇ تەبىئىي شىرۇيارى خوش.
مۇئاشىر دىلبەرى شىرىنمۇ ساقى گولئۇزارى خوش.
تەرجىمىسى:
تال ئاستى سۇ بويىدا شېئىر ئىلە ئالدىڭدا يار بولسۇن،
ھەم ئۈلپەت دىلبەرى شىرىنمۇ يارى گۈلئۇزار بولسۇن.
ياكى مۇقىمىنىڭ:
نەۋ باھار ئاچىلدى گۈللەر، سەبرە بولدى باغلەر،
سۆھبەت ئەيلەيلىك كېلىڭلار، جۆرەلەر، ئورتاغىلەر.
يۇقىرىدا دېگەندەك ئوخشاش بېيىتلار بىلەن باشلىنىدىغان ساددا، نەپىس ئاھاڭدار غەزەللەرمۇ، نورۇز كۈنلىرى گۈزەل تەبىئەت قۇچىقىدا شېرىن لەززەتلەنگۈچى دوستلار يىغىلىشىدا شائىرلار قەلبىنىڭ سۈزۈك دولقۇنلىرىدىن فونتانلىغان نەزمىلەردۇر.
نورۇز ھەققىدە چەت ئەللەردىمۇ يازما مەلۇماتلار ساقلانغان. مەسىلەن، شەرقشۇناس ئا. ۋ. گابائىن خانىم: «قارا قۇجۇ ئۇيغۇر خانلىقى» ناملىق ئەسىرىدە ۋە 1971– يىلى ئىستانبۇلدا نەشر قىلىنغان «ئوكيانۇس»دىمۇ بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلار بەرگەن: پارس تىلىدىكى «شەمسۇل لۇغەت» ناملىق ئەسەردىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى نورۇز ھەققىدە توختىلىپ: «نورۇزنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بەيگە، ئوغلاق تارتىشىش، چېلىشىش، ئەلنەغمە،  قالۇن چېلىش قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ»غانلىقى بايان قىلىنغان.
ئومۇمەن، نورۇز بايرىمىنى ئەسىرلەردىن بۇيان نۇرغۇنلىغان خەلق ۋە مىللەتلەر تەنتەنىلىك بايرام قىلىپ كەلگەن ۋە كەلمەكتە.
1. «نورۇزى ئالەم بۈگۈن» ماقالىلەر توپلىمى (ئۆزبېكچە) تاشكەنت، 89– يىل.
2. «شىنجاڭنىڭ تاڭ دەۋرىدىكى ناخشا – ئۇسسۇل سەنئىتى» ئا. مەمتىمىن، 1980– يىل، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى نەشرى.
3. «ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتى ھەققىدە ئىزدىنىش»، 1980– يىل، ش ئۇ ئا ر ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى ئەدەبىيات تەتقىقات ئورنى چىقارغان ژۇرنال.
مەنبە: «شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى»، ماھمۇد زەيدى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسى
شەرقتىكى يات ئەللەردە ياشايدىغان، ئۇيغۇرلار بىلەن تارىخىي تۇققانچىلىقى بار، دەپ قارىلىدىغان توپلار ئىچىدە خۇنەندىكى جيەن剪 فامىلىلىكلەرنى بىلىدىغانلار ئاز ئەمەس. يېقىندىن بېرى خۇنەننىڭ ميەنچى ناھىيىدىكى ليۇ فامىلىلىك بىر توپنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇققانچىلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنلەر بولدى.
گەنسۇنىڭ سۈنەن南肃 ئاپتونوم ناھىيىسىدىكى يۇگۇرلارنى ئۇيغۇرلار ئاساسەن ئۇيغۇر دەپ ھېسابلايدۇ. لېكىن جەنۇبىي كورىيىنىڭ سېئۇل ئەتراپىدىكى بىر ناھىيىدە ئۆزىنى ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ خان جەمەتىگە باغلايدىغان بىر توپنىڭ ياشايدىغانلىقى ئاساسەن كىشىلەرگە نامەلۇم بولسا كېرەك. ئامېرىكىدىكى بىر ئۇيغۇر تەتقىقاتچى كورىيە ۋە جوڭگۇ تارىخى مەنبەلىرىگە ئاساسەن جەنۇبىي كورىيىدىكى شېي پەمىلىلىك بىر توپنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇققانچىلىقى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى.
ئۇلار جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئولغا يېقىن بىر ناھىيىگە ئولتۇراقلاشقان
پەن – تېخنىكىنىڭ كۈچ – قۇدرىتى دۇنيانىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىشلەرنى ياسىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆز قوينىدا نۇرغۇن سىرلارنى ساقلاپ كەلمەكتە. مانا مۇشۇ سىرلارنىڭ بىرى كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى شېي فامىلىلىك توپنىڭ ئېتنىك ۋە مەدىنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئۇلارنىڭ كورىيە يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولۇپ قېلىشىغا ئائىت سىرلار بولسا كېرەك. شيې فامىلىسى كورىيىلىكلەر ئارىسىدا ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر فامىلە نامى بولۇپ، بۇ فامىلىلىك كىشىلەرنى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئولغا يېقىن بىر ناھىيىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچراتقىلى بولىدىكەن.
ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تۈركولوگى قاھار بارات، مەزكۇر فامىلىنىڭ كورىيىلىكلەر ئارىسىدا ناھايىتى يىگانە بىر فامىلە ئىسمى بولۇپ داۋاملىشىپ كېلىشىدە بۇ فامىلىگە ئائىت توپنىڭ پەۋقۇلئاددە تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بىز بۈگۈن دىققىتىڭلارغا سۇنماقچى بولغان مەسىلە ھازىر جەنۇبىي كورىيىدە ياشايدىغان مانا مۇشۇ شېي فامىلىلىك جامائەت توپىدۇر. بۇ فامىلىنى قوللىنىدىغان كورىيىلىكلەرنى جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېولنىڭ تەخمىنەن 40 كىلومېىتر نېرىسىدىكى بىر ناھىيىدە بىر قەدەر كۆپ ئۇچرىتىش مۇمكىن.
ئۇلار ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باش دانىشمىنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى
دوكتور قاھار باراتنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا، ئەگەر سىز بۇ ناھىيىدە شېي فامىلىلىك كىشىلەرنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇرلارغا باغلايدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى 8 ‏– ئەسىردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باش دانىشمىنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلگىنىڭىزدە ھەيران قېلىشىڭىز تەبئىي. ئۇيغۇر جەمئىيىتى جەنۇبىي كورىيە - كىنو سەنئىتى ۋە تۇرمۇش ئۆرپ – ئادەتلىرىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان بىر دەۋردە، ئۆزلىرىنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى، ھېسابلايدىغان كورىيىلىكلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەردار بولۇش نۇرغۇن ئۇيغۇرلاردا قىزىقىش پەيدا قىلىدىغان بىر تارىخىي تېما.
شېي فامىلىلىك كورىيىلىكلەر قانداقسىگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى بولۇپ قالىدۇ؟ ئۇلارنىڭ فامىلىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ نېمە مۇناسىۋىتى بار؟ ئەگەر ئۇلار راست تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى بولسا قانداقسىگە كورىيىدە ياشايدۇ؟ دەۋرىمىزدە گېنېتىكا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتى كورىيىلىك شېي فامىلىلىكلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ئالاقىسىغا ئەڭ توغرا جاۋابنى بېرەلىشى مۇمكىن. لېكىن مەسىلىنى تارىخ ئىلمىي نۇقتىنەزەردىن كۈزەتكەندە، دوكتور قاھار باراتنىڭ بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىش ۋە چۈشەندۈرۈشىگە قۇلاق سېلىشىمىز ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك.
قاھار بارات كورىيىدىكى شېي فامىلىلىكلەرنىڭ ئەجدادى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئېلىپ بارغان تۇنجى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىدۇر. ئۇ،  جوڭگۇ ۋە كورىيە مەنبەلىرىدە تارىخىي پاكىتلار شېي فامىلىلىكلەرنىڭ ئاتا – بوۋىسى ئۇيغۇر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ موڭغۇللار دەۋرىدە خاننىڭ بۇيرۇقى بىلەن كورىيىگە كېلىپ بۇ يەردە يۇرت سورىغان ئىدىقۇتلۇقلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا، دەپ كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ موڭغۇللار ئىستىلاسىغا قاتناشقانلىقى،چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلاينىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىدا نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق تۇتقانلىقى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقى ۋە موڭغۇللار ھاكىمىيىتىدە مۇھىم روللارنى ئوينىغانلىقى بىر تارىخىي ھەقىقەتتۇر.
ئىدىقۇت خاقانى بارچۇقئارت تېكىن چىڭگىزغانغا بەيئەت قىلغان
1209 – يىلى چىڭگىزخان ئونان دەرياسى ساھىلىدا قۇرۇلتاي چاقىرىپ، ئۆزىنى موڭغۇللارنىڭ خاقانى، دەپ ئېلان قىلغاندا ئىدىقۇت خاقانى بارچۇقئارت تېكىن چىڭگىزغانغا بەيئەت قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ۋە قارا خىتايلار بىلەن بولغان تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەن ئىدى. تارىخى مەنبەلەردە بارچۇقئارت تېكىننىڭ تەشەببۇسكار تەسلىمىيىتى چىڭگىزخاننى چوڭقۇر تەسىرلەندۈرگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدە ئىلتىپاتىغا سازاۋەر قىلغانلىقىنى يازىدۇ.
ئىدىقۇتلۇقلار 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن چىڭگىزخاننىڭ غەربنى ئىستىلا قىلىش، 1227 – يىلى تاڭغۇتلارغا يۈرۈش قىلىش ھەرىكىتىگە قاتناشقان. چىڭگىزخان ئۆلگەندە چىڭگىزخان ئوغۇللىرىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى خانلىقلارنى ئىستىلا قىلىش ھەرىكىتىدە زور تۆھپىلەرنى قوشقان ئىدى. شۇڭا ئۇلار چىڭگىز ئەۋلادلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكەن ۋە ئۇلارغا چوڭ ھوقۇقلار بېرىلگەن.
تارىخىي مەنبەلەر ھازىرقى خۇنەندە ياشايدىغان جيەن، ليۇ پەمىلىلىك ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ دەۋىردە ھوقۇق تۇتقان ئۇيغۇر مەنسەپدارلارنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. دوكتور قاھار بارات، ئۆز دەۋرىدە كورىيىگە ئەۋەتىلگەن شېي فامىلىلىك ئەمەلدارنىڭ ئۆزلىرىنى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ باش دانىشمىنى بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى ھېسابلايدىغان ئىدىقۇتلۇقلاردىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
موڭغۇللار قۇبلايخان دەۋرىدە خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ زور تەسىرىگە دۇچ كەلگەن ئىدى. بۇ تەسىر ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلمىسى، ئوردا سارايلارنىڭ زىننەتلىنىشى، جۈرېنلىك ئېمتىھان تۈزۈمى، كىيىم – كېچەك، يىمەك – ئىچمەك، فامىلە تاللاش قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئەينى چاغدا بىر قىسىم موڭغۇللارنىڭ قۇبلايغا قارشى چىقىشى، قۇبلاي بىلەن ئۇنىڭ ئاكا - ئۇكا ۋە بىر نەۋرىلەر ئارىسىدا ھوقۇق تالىشىش ئۇرۇشلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى، كونسېرۋاتىپ موڭغۇللاردىكى ئوتتۇرا تۈزلەڭدە خەنزۇلارغا ئاسسىمىلىياتسىيە بولۇپ كېتىش قورقۇشى بار ئىدى.
ئەينى دەۋرىدە قۇبلاي ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادى ئوتتۇرا تۈزلەڭ مەدەنىيىتىنى زور دەرىجىدە ئۆزىگە سىڭدۈرگەن، بۇنىڭ تىپىك ئىپادىسى ئۆزى ۋە ئەمەلدارلىرىغا خەنزۇچە فامىلىلەرنى ئاتا قىلىشى ئىدى.
تۇنيۇقۇقنىڭ جەمەتى 840 – يىللاردا تۇرپان رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان
قاھار بارات، ئەينى چاغدا كورىيىنى سورىغان ئۇيغۇرلارغا شېي فامىلىسى ئاتا قىلىنغانلىقىنى، شېي سۆزىنىڭ سېلىنگا دېگەن سۆزنىڭ خەنزۇچىسىدىكى باش ھەرىپىدىن كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. سېلىنگا دەرياسى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي پائالىيەت ماكانى بولۇش بىلەن تىللاردا داستاندۇر. 8 ‏– ئەسىردىكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى مانا مۇشۇ دەريا ۋادىسىدا باش كۆتەرگەن ۋە قۇدرەت تاپقان ئىدى.
بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ دەۋر سۈرگەن مەزگىلى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دەۋرى بولۇپ، تۇنيۇقۇقنىڭ جەمەتى 840 – يىللاردىكى ئالا – توپىلاڭ ۋە كۆچ – كۆچ يىللىرىدا تۇرپان - ئىدىقۇت رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان بولسا، بۇ تارىخىي رېئاللىقلارغا تامامەن ئۇيغۇن كېلەتتى. چۈنكى ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى 840 ‏– يىلى يىمىرىلگەندە خانلىقنىڭ بىر بۆلۈم پۇقراسى خان جەمەتى شاھزادىلىرىنىڭ يىتەكچىلىكىدە تۇرپان رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان ۋە بۇ يەردە قوجۇ ئىدىقۇت دۆلىتىنى تىكلىگەن. بىز تارىخ سەھىپىلىرىدە ئىدىقۇت خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىزلىرىنى خانلىقنىڭ 14 ‏– ئەسىردە قۇبىلاي جەمەتىنىڭ تەپرىقىچىلىك ئۇرۇشلىرىدا پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان يىللارغا قەدەر كۆرەلەيمىز.
كورىيىدىكى ئۇيغۇر «سېلىنگالار» شېي جەمەتىنىڭ ئومۇمى نوپۇسى ۋە تۇرمۇش ئادەتلىرىدىكى ئالاھىدىلىكلەرنى ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ. شېي فامىلىلىك كورىيىلىكلەرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تۇققانچىلىقى بارلىقىنى بىلىش – بىلمەسلىكى بىزگە نامەلۇم. لېكىن ئۇلار نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە ئەگەر راست بولسا ئۇيغۇر تارىخىدىكى ناھايىتى مەشھۇر بىر زات – بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادى بولۇش شان – شەرىپىنى ئۆزى ھېس قىلماي ئېلىپ يۈرگەن كىشىلەردۇر.