تۇرپان رايونى يىراق تارىختىن بۇيان يىپەك يولىنىڭ مۇھىم تۈگىنىگە جايلاشقان بولۇپ، دۇنياغا مەشھۇر تارىم ئويمانلىقىنىڭ بىر قىسىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ئويمانلىقنىڭ شەرقىي شىمالى قىسىمىغا جايلاشقان ھەم مۇناسىپ ھالدا خېلى ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
تۇرپان ئالاھىدىلىكلىرىدىن سۆز ئاچساق، تۆۋەندە بىر نەچچە جەھەتتىكى ئەھۋالنى بىلىۋالالايمىز:
1. تۇرپان دۇنيا بۇيىچە ئىككىنچى ئورۇندا ۋە دۆلىتىمىز بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان ئويمانلىق، خەرىتىدە ئىپادىلەنگەن جۇغراپىيىلىك ئورنىغا قارىتا دېڭىز يۈزىدىن 155 مېتىر چوڭقۇرلۇقتا تۇرىدۇ دەپ ئالاھىدە شەرھىلەنگەن.
تولۇق تېكستى...يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا «جۇڭگو خەلق بانكىسى» دېگەن ئۇيغۇرچە خەت يېزىلغان جۇڭگو خەلق پۇلى تارقىتىلدى. بۇ خەتنى كىم يازدى؟ يېقىندا «شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى غەيرەت نىياز بۇ خەتنى يازغۇچى ھوشۇر ئېلى توغرىسىدا مەخسۇس خەۋەر بەردى.
تولۇق تېكستى...ھاياتلىقنىڭ بۇلىقى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قىنى ھېسابلانغان كارىز – بۇلاقلار يۇرتىمىز شىنجاڭدا خىلى بۇرۇنلا پەيدا بولغان بولۇپ، ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇ كارىز ۋە بۇلاقلار ئارقىلىق تىرىكچىلىك قىلىپ كەلگەن، ھازىرمۇ يۇرتىمىز شىنجاڭدا كارىزلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ئاساسەن، قۇمۇل، تۇرپان ۋىلايەتلىرىگە ۋە سانجى ئوبلاستىنىڭ شەرقىدىكى ناھىيەلەردە، گۇما ناھىيىسى، كۇچار ناھىيىلىرىدە كەڭ تارقالغان.
كارىزلارنىڭ ئومومىي ئۇزۇنلىقى 5000 – 7000 كېلومېتىرغىچە بولۇپ، يىللىق ئېقىم مىقتارى 900 مىڭ كۇب مېتىر كېلىدۇ. يىللىق يامغۇر مىقدارى نۆل چامىسىدا بولغان تارىم ۋە تۇرپان قۇمۇل ۋادىلىرىدا كارىز ئۆز رولىنى قانچىلىك جارى قىلدۇرغان بولغىيتتى – ھە؟
تولۇق تېكستى...1947– يىلى گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى «11 بېتىم»نى بۇزغانلىقى ئۈچۈن «11 بېتىم»نى ھىمايە قىلىش شۇئارى ئاستىدا قوزغالغان تۇرپان، پىچان، توقسۇن دېھقانلار قوزغىلىڭى ئىيولنىڭ ئاخىرلىرى ئاساسىي جەھەتتىن بېسىلغانىدى. يۇقىرىقى ئۈچ ناھىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىر قانچە قېتىم قانلىق جەڭلەرنى قىلغاندىن كېيىن، بىرقىسمى تۇرپان ناھىيسىنىڭ ھاكىمى ئابدۇراخمان مۇھىتىنىڭ باشچىلىقىدا ئالغۇي ئېغىزى، يۇلتۇز ئارقىلىق ئۈچ ۋىلايەت تەرەپكە ئۆتۈپ كەتتى. بۇ چاغدا گومىنداڭنىڭ ئۈرۈمچى باش قوماندالىق شىتابى ئۈچ ناھىيەدە بىر مەيدان ئاق تىرورلۇق ھەركىتى يۈرگۈزدى. ھەمدە ھەربىي سىستېمىسىدىكى ئىشپىيون لى خۇڭيۈن باشچىلىقىدا پەۋقۇلئاددە ھەرىكەت ئەترىتى تەشكىللەپ ئەنشا تۈەن (يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ئۆمىكى) دېگەن نام بىلەن ئۇلارنى تۇرپانغا ئەۋەتتى. ئۈرۈمچى باش قوماندانلىق شىتاپ ھەربىي ئىشلار باشقارمىسى ھەركەتلىنىش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى لى خۇڭيۈن 1947– يىلى 7– ئاينىڭ ئاخىرلىرى مەلۇم بىر كۈنى كېچىدە ئەنشا تۈەننى باشلاپ مەخپى ھالدا تۇرپانغا كېلىپ ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرىغىچە بىر ئاي يوشۇرۇن ھەرىكەتلىنىپ ئىلغار ياشلارنى ئەشەددىلىك بىلەن قانلىق باستۇردى.
تولۇق تېكستى...ھەيدەر سايرانى 1886– يىلى روسىيە فېدىراتسىيىسى قارمىقىدىكى تاتارىستاننىڭ ئۇفا شەھىرىدە سايرانىلارنىڭ 6– ئەۋلادى، تاتار زىيالىي ئوقۇتقۇچى مىنھاجىتتىن ئائىلىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇ ئۇفا شەھىرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، قازان ئۇنىۋېرسىتېتىغا ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا ئۇفادا مەدرىسلەرلا بار بولۇپ، پەننى ئالىي بىلىم يۇرتلىرى قازانغا جايلاشقانىدى. ئۇ 1905– يىلى ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، شۇ مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ.
تولۇق تېكستى...ئۇيغۇر سايرانى 1918– يىلى 12– ئاينىڭ 18– كۈنى تۇرپان ئاستانىدا ئوقۇتقۇچى ھەيدەر ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇقۇش يېشىغا يەتكەندىن كېيىن باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى تۇرپان، چۆچەك ۋە ئۈرۈمچىلەردە ئوقۇيدۇ. 1933– يىلى ئۈرۈمچىدە رۇس گىمنازىيىسىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1934– يىلدىن 1938– يىلىغىچە موسكۋادا رۇسچە تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇيدۇ. ۋە شۇ يىلى ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. بىراق دادىسى قولغا ئېلىنغانلىقى ئۈچۈن چەتكە چىقالمايدۇ. كېيىن ئۇ ئۈرۈمچى نەنلىياڭدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچى بولۇپ، 4 ئاي ئىشلىگەندىن كېيىن، «دادىسى قامالغان»، «سىياسەتتە ئىشەنچسىز» دەپ قارىلىپ، ساۋەنگە سۈرگۈن قىلىنىدۇ. 1938– يىلىدىن 1941– يىلىغىچە سۈرگۈندە بولغان كۈنلەردە رۇسچىدىن پەلسەپە، تارىخقا ئائىت ماتېرىياللارنى تەرجىمە قىلىپ، «شىنجاڭ گېزىتى»، «يېڭى نۇر ژۇرنىلى»دا ئېلان قىلىدۇ. 1941– يىلى10– ئايدىن باشلاپ شىڭ شىسەينىڭ ئۇقتۇرۇشى بىلەن «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىدە ئىشلەيدۇ.
تولۇق تېكستى...قەدىمقى ئۇيغۇر يېزىقىدىكى تىبابەتچىلىككە ئائىت يازما يادىكارلىق پارچىلىرىنى گېرمانىيىنىڭ 3 – قېتىملىق تۇرپان ئارخىئولوگىيە ئەترىتى تۇرپاندىن قولغا چۈشۈرۈپ ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، ھازىر بېرلىندا ساقلانماقتا.
بۇ يازما يادىكارلىقلار، گەرچە قۇجۇ (ئىدىقۇت) ئۇيغۇر خانلىقى (ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقى — مىلادى 850 – يىلى قۇرۇلغان) دەۋرىدە كۆچۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا كۆرسىتىلگەن داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە دورىگەرلىككە ئائىت تەجرىبىلەرگە قاراپ، ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكى ۋە دورىگەرلىكىنىڭ ناھايىتىمۇ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالالايمىز.
تولۇق تېكستى...مۆيدىن خەلپەت 19– ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ھازىرقى تۇرپان شەھىرىدىكى قاراغوجا يېزىسى مۇجاڭ مەھەللىسىدە دۇنياغا كېلىدۇ . مۆيدىن ئەمدىلا ئەقلىگە كەلگەندە ئاتىسى ئۆلۈپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ ئانىسى لۈكچۈندىكى غوجامنىياز ئاخۇنلۇق دەيدىغان ئۆلىما ئادەمنىڭ قىزى بولۇپ، ئۇ ئوغلىنى ياخشى ئادەم قىلىپ تەربىيىلەش ئۈچۈن غوجامنىياز ئاخۇنغا تەربىيلەشكە بېرىدۇ. بوۋىسى مۆيدىننى ئەتراپلىق تەربىيىلەيدۇ. مۆيدىن دىنى بىلىم جەھەتتىكى ئىقتىدارىنى تولۇق يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن ئاقسۇغا بېرىپ «مەدرىس»تە ئوقۇپ، ئۇزۇنغا بارمايلا خەلپەت دەرىجىسىگە يېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن يۇرت ئىچىدە ئىززەت – ئابرويغا ئىگە بولۇپ، جامائەتچىلىككە تونۇلۇشقا باشلايدۇ. ئەنە شۇ چاغلاردا مۆيدىن خەلپەت يۇرت كېزىپ غۇلجىغا بارىدۇ. غۇلجىنىڭ شاڭيۇسى غازى (پىچان خاندولۇق) ئۇنىڭ نام شۆھرەتىنى ئاڭلاپ ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئۆز ئۆيىدە تۇرغۇزىدۇ، ئۇنى بىر مەزگىل تۇرغۇزغاندىن كېيىن قەشقەرلىك نەمەت شاڭيۇنىڭ قىزى تاجىنىسا بىلەن تويىنى قىلىپ قۇيىدۇ. ئۇلار بىر بالىلىق بولىدۇ . بالىغا مەخسۇم دەپ ئىسىم قۇيىدۇ. ئۇ غۇلجىدا تۇرۇش جەريانىدا سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ پەرغانە دېگەن يېرىدىن كېلىپ غۇلجىدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان شەمسىدىن ھەزرەت دېگەن كىشىدىن تەلىم ئېلىش بىلەن ئىشان بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن غۇلجىدا بىر مۇنچە ئادەملەر ئۇنىڭغا مۇرت بۇلىدۇ.
تولۇق تېكستى...ئۆز مىللىتىنى ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى چۈشىنىش ناھايىتى مۇھىم. بىز ئۆز تارىخىمىزنى سۇدەك يادقا بىلەلمىسەكمۇ، يۈزەكى بولسىمۇ بىر تونۇشقا كېلىپ قالغىنىمىز ياخشى.
مىلالىدىن بۇرۇن ۋە كېيىن
ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى ئاتا – بوۋىسى بولغان تۇغلۇقلار شەرقىي ۋە غەربى قىسمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئۇلار ئالتۇن تاغ (ئالتاي تېغى)نىڭ ئىككى تەرىپىدىكى جايلارغا ئورۇنلاشقان ئىدى. بۇ زېمىننىڭ شەرقى قىسمى بايقال كۆلىنىڭ جەنۇبى تەرىپىدە، غەربى قىسمى بولسا بايقال كۆلى بىلەن ئېرتىش دەرياسى ئارلىقىدىكى جايلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
تولۇق تېكستى...توققۇزنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا مۇقەددەس سانلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئېغىز ئەدەبىياتىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، مەيلى تۇراقلىق بىرىكمىلەردە بولسۇن، مەيلى قوشاقلاردا بولسۇن دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. توققۇزغا مۇناسىۋەتلىك تۇراقلىق بىرىكمىلەرنى بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا دائىم ئۇچۇرتىمىز. مەسىلەن، تويغان يەرگە توققۇز تەزىم، توققۇزى تەل، توققۇز قىزنىڭ تولغىقى تەڭ تۇتۇپتۇ، توققۇز ئۆلچەپ بىر بىر كەس ①... ئۇيغۇر خەلق ناخشا – قوشاق، داستانلىرىدىمۇ توققۇز ئالاھىدە سان دەپ قارىلىدۇ.
مەسىلەن، توققۇز تارانىڭ ئېلىدە،
تولۇق تېكستى...